
U23 ئاسىيا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، دۆلىتىمىز ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى 0:3 نەتىجە بىلەن ۋىيېتنام U23 كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، ھەل قىلغۇچتا ياپونىيە U23 كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. دۆلىتىمىز U23 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى تۇنجى قېتىم U23 ئاسىيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى ، بۇمۇ ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ 22 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشى ھېسابلىنىدۇ !
جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ ئالدىنقى قېتىم قىتئەلەر ئارا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلىگەن ۋاقتى 2004-يىلىغا توغرا كېلىدۇ.
جۇڭگو U20 (U19) كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى قېتىم U20 (U19) ئاسىيا لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن ۋاقتى 2004-يىلى بولۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 2:0 نەتىجە بىلەن كورېيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن. 2005-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ياشلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، U20 دۆلەت ياشلار كوماندىسى دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇپ، گۇرۇپپا باسقۇچىدىكى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلىپ، 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 3:2 نەتىجە بىلەن گېرمانىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان.
جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى ئالدىنقى قېتىم يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن، ئوخشاشلا 2004-يىلى ئۆز زېمىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 3:1 نەتىجە بىلەن ياپونىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان.

