
بېيجىڭ ۋاقتى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ، مانچېستېر بىرلەشمىسى باش تىرېنېر ئامولىننىڭ ئىشتىن بوشىتىلغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى .
مانچېستېر بىرلەشمىسى ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇش :
رۇبېن ئامولىن مانچېستېر بىرلەشمىسى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ باش تىرېنېرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن .
رۇبېن 2024 - يىلى 11 - ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ھەمدە 2025 - يىلى 5 - ئايدا كوماندىنى باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن .
مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ھازىر ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە 6 - ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمى ئامالسىز قارار چىقارغان بولۇپ ، ھازىر ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىدىغان مۇۋاپىق پۇرسەت كەلگەن . بۇ كوماندىنى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئورۇنغا ئېرىشىشتىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ .
كۇلۇب رۇبېننىڭ كۇلۇب ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىدۇ ، ھەمدە ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ھەممە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .
دارلېن فلېتچېر چارشەنبە كۈنى كوماندىنىڭ بۇرنلېي كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالىدۇ .
( ئېلان قىلىنىپ بولدى )
بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن ئامولىن 2024 - يىلى 11 - ئايدىن باشلاپ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە تىرېنېر بولغان بولۇپ ، كوماندىنى يېتەكلەپ 63 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 25 مەيدان غەلىبە قىلىپ ، 15 مەيدان تەڭلىشىپ ، 23 مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن ، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە مانچېستېر بىرلەشمىسى بىرلەشمىدە 15 - ئورۇندا تۇرغان ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىدا ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن . بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە مانچېستېر بىرلەشمىسى ئالدىنقى 20 ئايلانما مۇسابىقىدە سەككىز مەيدان غەلىبە قىلىپ ، يەتتە مەيدان تەڭلىشىپ ، بەش مەيدان مەغلۇپ بولۇپ ، ۋاقتىنچە رەت تەرتىپتە 6 - ئورۇندا تۇرماقتا .

