خانلىق مادرىد ئالونسونى ئىشتىن بوشاتتى


 بېيجىڭ ۋاقتى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سەھەردە ، خانلىق مادرىد ئورگان تەرەپ كوماندىنىڭ باش تىرېنېرى ئالونسونىڭ ئىشتىن بوشىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى . 

ئورگان تەرەپنىڭ ئۇقتۇرۇشى :

خانلىق مادرىد پۇتبول كۇلۇبى خاۋى ئالونسو بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق ، ئۆزىنىڭ بىرىنچى سەپ كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى . 

خانلىق مادرىدتىكى رىۋايەتلىك شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن ، خاۋى ئالونسو باشتىن - ئاخىر كۇلۇبنىڭ قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ كەلدى ، ئۇ مەڭگۈ بارلىق خانلىق مادرىدلىقلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ . خانلىق مادرىد مەڭگۈ ئۇنىڭ ماكانى . كۇلۇب خاۋى ئالونسو ۋە ئۇنىڭ بارلىق تىرېنېرلار كوللېكتىپىنىڭ بۇ مەزگىلدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ يېڭى باسقۇچىدا ھەممە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ . ( ئېلان قىلىنىپ بولدى ) 

خانلىق مادرىد 2025 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى 44 ياشلىق ئالونسونىڭ خانلىق مادرىدقا تىرېنېر بولغانلىقىنى ، ئىككى تەرەپنىڭ 2028 - يىلىغىچە توختام ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلغان . ئالونسو كوماندىنى يېتەكلەپ 34 مەيدان مۇسابىقىدە 24 مەيدان غەلىبە قىلىپ ، تۆت مەيدان تەڭلىشىپ ، ئالتە مەيدان مەغلۇپ بولغان ، غەلىبە قىلىش نىسبىتى % 70.5 بولغان . 

خانلىق مادرىد بۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ باشلىنىشىدا ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ئۇدا يەتتە مەيدان غەلىبە قىلغان ، لېكىن كېيىن بىرلەشمىدىكى مادرىد دېربىيسىدا 5 : 2 نەتىجىدە مادرىد ئاتلېتكىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە يەنە ئۇدا 6 مەيدان غەلىبە قىلدى ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دېربىيسىدا 1 : 2 نەتىجىدە بارسېلونانى مەغلۇپ قىلدى . لېكىن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 1 : 0 نەتىجىدە لىۋېرپولغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىنكى يەتتە مەيدان مۇسابىقىدە ئاران ئىككى مەيدان غەلىبە قىلغان ، بىرلەشمىنىڭ 16 - ئايلانمىسىدىن باشلاپ ئالونسو كوماندىنى يېتەكلەپ ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ئۇدا بەش مەيدان غەلىبە قىلغان ، دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 3 : 2 نەتىجە بىلەن بارسېلوناغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ، چېمپىيونلۇقنى قولدىن بېرىپ قويغان ، ئالونسو بىر كۈندىن كېيىن ئىشتىن بوشىتىلغان . 

تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەر

ھەممىسىنى كۆرۈش