
بېيجىڭ ۋاقتى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سائەت 20 : 30 دا ئۆتكۈزۈلگەن ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ 22 - ئايلانمىسى مانچېستېر شەھىرى دېربىيسىنى كۈتۈۋالدى ، مانچېستېر بىرلەشمىسى ساھىبخان كونا تراففورد توپ مەيدانىدا مانچېستېر شەھىرى بىلەن مۇسابىقىلەشتى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ماگۇيرنىڭ كاللا توپى قاپقا تۈۋرىكىگە تىگىپ چىقىپ كەتتى ، ئاماد بىلەن بىرۇنو فېرناندېسنىڭ كىرگۈزگەن توپى ئوفسايت بولۇپ ئىناۋەتسىز قىلىندى . كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە دوننارۇمما كۆپ قېتىم خەتەرلىك توپلارنى توسۇۋالدى ، مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن مبېرمو كېيىنكى مەيداندا ئاۋال توپ كىرگۈزۈپ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى ، دورگۇ نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى ، مونت ئاخىرىدا كىرگۈزگەن يەنە بىر توپ ئوفسايت بولۇپ ئىناۋاتسىز قىلىندى . ئاخىرىدا مانچېستېر بىرلەشمىسى 2-0 نەتىجە بىلەن مانچېستېر شەھىرىنى مەغلۇپ قىلدى . بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن ، مانچېستېر بىرلەشمىسى 35 نومۇر بىلەن ۋاقتىنچە بىرلەشمىدە 4 - ئورۇنغا چىقتى ، مانچېستېر شەھىرى 43 نومۇر بىلەن يەنىلا بىرلەشمىدە 2 - ئورۇندا تۇرماقتا ، بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئارتۇق ئوينىغان ئەھۋالدا ئارسېنالدىن ئالتە نومۇر ئارقىدا قالدى .


