
بېيجىڭ ۋاقتى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كەچ سائەت 19 : 30 دا ، 2026 - يىللىق U 23 ئاسىيا لوڭقىسى 1 / 4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى فېسار شاھزادە تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى ، جۇڭگو U23 پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئۆزبېكىستان U23 پۇۇتبول كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە لى خاۋ ئىككى قېتىم خەتەرلىك توپلارنى توسۇۋالدى ، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە لى خاۋ يەنە خەتەرلىك توپلارنى توسۇۋالدى ، قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا ھەر ئىككى تەرەپ توپ كىرگۈزەلمىدى . ئاخىرىدا نۇقتا توپ جېڭىدە لى خاۋ نۇقتا توپنى توسۇۋالدى ، جۇڭگو U23 دۆلەت پۇتبول كوماندىسى ئۆزبېكىستان كوماندىسىنى يېڭىپ ، تارىختا تۇنجى قېتىم تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ۋىيېتنام كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ .

