رونالدو : چېكىنگەندىن كېيىن خانلىق مادرىدقا قايتىشىم مۇمكىن


 مۇخبىلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ، پورتۇگالىيەلىك گىگانت چولپان رونالدو ئۆزىنىڭ خانلىق مادرىدقا قايتىش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە توختالدى . 

رونالدوغا نىسبەتەن ، 2009 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە خانلىق مادرىدتا توپ تەپكەن ۋاقىتلارنى رىۋايەت دېيىشكە بولىدۇ . ئۇ خانلىق مادرىدقا ۋاكالىتەن 438 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 450 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ ، خانلىق مادرىد كوماندا تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەنگە ئايلىنىپلا قالماي ، يەنە كوماندىنىڭ تۆت قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى ، ئىككى قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشىگە ياردەم قىلغان شۇنداقلا ئۈچ قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن . 

رونالدو بېرنابۇغا قايتىپ كېلىش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە توختالغاندا ، زىيارەت جەريانىدا تەقەززاسىنى باسالماي قالدى  : << بەلكىم ، مەن چېكىنگەندىن كېيىن ، بۇ يەردە يېڭى ھېكايىلەرنى قالدۇرۇشۇم مۇمكىن ... » تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ ، 80 مىڭ تاماشىبىن بار ، ئۇ چوقۇم بىر قالتىس ئىش . مەن بۇ خىل ئېھتىماللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلمايمەن ، چۈنكى مەن خانلىق مادرىدنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيمەن . >> 

رونالدو ئۆزىنىڭ توپچى سالاھىيىتىدە خانلىق مادرىدقا قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئۆزىنىڭ خانلىق مادرىدتىكى تارىخى سەھىپىسىگە بالدۇرلا يېزىلغانلىقىنى ئېيتتى . مۇسابىقە مەيدانىدىكى سۆز ۋە سانلىق مەلۇماتلار ، لوڭقا ۋە ئەمەل ، رېكورت ۋە مۇھىم خەۋەرلەر بۇنىڭ مىسالى . ئۇ بېرنابۇ مۇزېيىغا يوشۇرۇنغان بولۇپ ، ھەر بىر خانلىق مادرىد مەستانىلىرىنىڭ قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن . ” 

ئۇنىڭدىن باشقا ، رونالدو يەنە ھازىر يەنىلا ئوغلى ماتېئو بىلەن بىللە خانلىق مادرىدنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرىدىغانلىقىنى ، ماتېئونىڭ بولسا مىباپپېنىڭ سادىق مەستانىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى . 

تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەر

ھەممىسىنى كۆرۈش