رونالدو 2 توپ ئۇردى ، ئومۇمىي توپ سانى 956 بولدى


 بېيجىڭ ۋاقتى 27 - دېكابىر كەچ سائەت 22 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ، 2025 - 26 - پەسىللىك سەئۇدى  بىرلەشمىسىنىڭ 11 - ئايلانما مۇسابىقىسى سەئۇدى شاھلىق ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى ، رىياد غەلىبىسى ساھىبخان مەيداندا ئاكودو بىلەن مۇسابىقىلەشتى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە رونالدو ئىككى توپ كىرگۈزۈپ ، كەسپىي ھاياتىدىكى 956 - توپىنى كىرگۈزدى ، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە رونالدونىڭ كىرگۈزگەن توپى ئوفسايت بولغاچقا ئىناۋەتسىز قىلىندى ، مۇسابىقە ئاياقلىشاي دىگەندە فېلىكس يەنە بىر توپ كىرگۈزدى . ئاخىرىدا رىياد غەلىبىسى ساھىبخان مەيدانىدا 3-0 نەتىجە بىلەن ئاككودونى مەغلۇپ قىلىپ ، بىرلەشمىدە ئۇدا 10 مەيدان غەلىبە قىلىپ ، تۆت نومۇر ئۈستۈنلۈك بىلەن سەركىلىك ئورۇندا تۇردى . 

تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەر

ھەممىسىنى كۆرۈش