
ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ 18 - ئايلانمىسىدا ، مانچېستېر بىرلەشمىسى ساھىبخان مەيداندا كونا تراففورد توپ مەيدانىدا نېۋكاستل بىرلەشمىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن دورگۇ چىرايلىق بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 1 - 0 قىلدى . كېيىنكى يېرىم مەيداندا ، شېشكو ، ھال ئارقا - ئارقىدىن تۈۋرۈك سوقتى ، دالوت ياخشى پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويدى . ئاخىرىدا مانچېستېر بىرلەشمىسى 1 - 0 نېۋكاستلنى مەغلۇپ قىلدى . رەت تەرتىپ جەھەتتە ، مانچېستېر بىرلەشمىسى 29 نومۇر بىلەن چېلسى ۋە لىۋېرپول بىلەن نومۇر جەھەتتە تەڭلىشىپ ۋاقتىنچە بەشىنچى ئورۇنغا چىقتى ، نېۋكاستىل 23 نومۇر بىلەن 11 - ئورۇنغا چىقتى .


