رونالدو يەر شارى پۇتبول مۇكاپاتىنىڭ 2025 - يىللىق ئوتتۇرا شەرق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىسى بولۇپ باھالاندى


 ئورگان خەۋىرى ، رىياد غەلىبىسىنىڭ كاپىتانى رونالدو يەر شارى پۇتبول مۇكاپاتىنىڭ 2025 - يىللىق ئوتتۇرا شەرق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىسى بولۇپ باھالانغان . 

گەرچە 40 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ ، لېكىن رونالدو يەنىلا مۇسابىقە مەيدانىدا زور تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرماقتا . ئۇ ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە 25 توپ بىلەن سەئۇدى بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ھازىرغىچە 12 توپ كىرگۈزۈپ بىرلەشمە مەرگەنلەر تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا ، ئۇ توپ تەپكەن رىياد غەلىبىسىمۇ بىرلەشمىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا . 

ئاخىرىدا ، ئۆزىنىڭ 2025 - يىلىدىكى ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردىكى قالتىس ئىپادىسىگە تايىنىپ ، رونالدو مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 2025 - يىللىق يەر شارى پۇتبول مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا شەرق توپچىسى بولۇپ باھالاندى . 

تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەر

ھەممىسىنى كۆرۈش