
بېيجىڭ ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ، توپچى ئابدۇخەمىت ئۆزىنىڭ ئالاقە تورىدا يازما ئېلان قىلىپ ، چاڭچۈن ياتەي كۇلۇبى ۋە چاڭچۈن ياتەي توپ مەستانىلىرى بىلەن خوشلاشتى .
ئابدۇخەمىتنىڭ خوشلىشىش خېتى
چاڭچۈن ياتەينىڭ بارلىق ھەۋەسكارلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى :
مېنىڭ توختامىمنىڭ ۋاقتى توشتى ، خوشلىشىدىغان ۋاقىت كەلدى .
چاڭچۈن ياتەي مۇسابىقە كىيىمىنى كىيگەن ھەر بىر كۈندە ، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشتىم . ماڭا مەدەت بەرگىنىڭلارغا رەھمەت ، يېڭىش - يېڭىلىشىڭلارغا ھەمراھ بولغىنىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن . بۇ يەردىكى ھەر بىر ئەسلىمە مېنىڭ كەسپىي ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق .
گەرچە مەن يېڭى كوماندىغا بېرىپ ، يېڭى رىقابەتنى باشلىساممۇ ، لېكىن مېنىڭ يۈرىكىم مەڭگۈ سىلەر ئۈچۈن بىر ئورۇن قالدۇرىدۇ .
مېنىڭ بۇرۇنقى كوماندامنىڭ كەلگۈسىدە ھەممە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن ! سىلەر مەڭگۈ ئەڭ قالتىس 12 - ئادەم !
چاڭچۈن ياتەي كوماندىسىدىكى ۋاقتىدا ئابدۇخەمىت 73 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن .


