ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ( Premier League ، قىسقارتىلىپ « ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى » دەپ ئاتىلىدۇ ) ئېنگلاند پۇتبول باش جەمئىيىتى قارمىقىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمىسى بولۇپ ، بۇرۇن ئېنگلاند ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى دەپ ئاتىلاتتى . ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى « ياۋروپادىكى بەش چوڭ پۇتبول بىرلەشمىسى » نىڭ بىرى بولۇپ ، 20 كوماندىدىن تەركىب تاپقان ، كونكرېت ھەرىكىتىگە ئېنگلاند پۇتبول دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى مەسئۇل . 1992 - يىلى 2 - ئايدا ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى رەسمىي قۇرۇلۇپ ، مانچېستېر بىرلەشمىسى تۇنجى قېتىم ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن . 1995 - يىلى ، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى 22 كوماندىدىن 20 كوماندىغا قىسقارتىلغان بولۇپ ، ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە . ئادەتتە 8 - ئايدىن باشلاپ ، كېيىنكى يىلى 5 - ئايدا ئاخىرلىشىدۇ ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەر بىر كوماندا باشقا كوماندىلار بىلەن ساھىبخان ۋە مېھمان مەيداندا بىر مەيداندىن جەمئىي 38 ئايلانما مۇسابىقىلىشىدۇ ، مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، رەت - تەرتىپنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈچ كوماندا ئېنگلاند چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە دەرىجە چۈشۈپ كىتىدۇ .