رونالدو بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنى بېرناردو سىلۋاغا ئۆتكۈزۈپ بەردى

پورتۇگالىيە تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئۈچ چوڭ گېزىتنىڭ بىرى بولغان «مۇسابىقە گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پورتۇگالىيە كاپىتانى رونالدو بۇ قېتىمقى FIFAنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر نامزاتلىرىنى باھالاشتا كاپىتانلىق سالاھىيىتى بىلەن بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنى سەپدېشى بېرناردو سىلۋاغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.


2025-يىللىق FIFA يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتىنى دېمبېلې قولغا كەلتۈرگەن، پورتۇگالىيە كوماندىسى تەرەپنىڭ كاپىتانى رونالدو بېلەت تاشلىمىغان، بەلكى بېرناردو سىلۋا بېلەت تاشلىغان، بېرناردو سىلۋا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ۋېتنىيا، مېندىس ۋە دېمبېلېغا بېلەت تاشلىغان.
 

پورتۇگالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گەرچە پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولسىمۇ، لېكىن رونالدو دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسىنى باھالاشتا، ئۆزىنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنى بېرناردو سىلۋاغا ھاۋالە قىلغان . ئۇنىڭدىن باشقا پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى مارتىنېز مېندېس، ۋىتىنيا ۋە يامال قاتارلىق توپچىلارغا بېلەت تاشلىغان.

تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەر

ھەممىسىنى كۆرۈش