مانچېستېر شەھىرى 2- 1 نەتىجىدە خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ، خالاند مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا كىرىستىيانو رونالدو ھەققىدە سورالغان سۇئاللارغا جاۋاب بەردى .
بىز ئويناۋاتقان مۇسابىقىلەردە رونالدو نۇرغۇن توپ كىرگۈزدى ، مەن ئۇنداق زېرىكىشلىك « ئۇ سىزنىڭ نىشانىڭىزمۇ ؟ » دەپ سورىمايمەن ، لېكىن ئۇزاققا چىداش ئەڭ مۇھىم ، توپ مەيدانىنىڭ سىرتىدا ئۆزىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك ، سىز ئۈچۈن بۇ جەھەتتە ئۇ سىزنىڭ ئۈلگىڭىزمۇ ؟
خالاند : ئەلۋەتتە ، مېنىڭچە يەر شارىدىكى ھەر بىر پۇتبولچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، كىرىستىيانو رونالدو بىلەن مېسسى ئۈلگە بولالايدۇ ، ئۇلار بىزگە قانداق قىلغاندا يۇقىرى سەۋىيەلىك بىرلەشمىدە ئۇدا 15 يىل ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆگەتتى ھەم ئۈلگە كۆرسىتىپ بەردى . شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوزغىتىش خاراكتېرىگە ئىگە .
كىرىستىيانو رونالدو بەلكىم بىزگە ئۆزىنىڭ كۈندىلىك قىلغان تۈرلۈك ئىنچىكە ھالقىلىرىنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشى مۇمكىن ، شۇڭا ئۇ چوقۇم ئۈلگە بولالايدۇ . ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى قانداق ئاسرايدىغانلىقىغا قاراڭ ، بۇ ئىش كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ ، ئۇ بۇ يىل 40 ياشقا كىردىمۇ ؟ بۇ ياشتا رىقابەت ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قايىل بولۇشقا ئەرزىيدۇ ، بۇلارنى قىلىش ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس .