دوننارۇما 2025 يىللىق ئەڭ ياخشى قاپقىچى بولۇپ باھالاندى

 FIFA ئورگان تەرەپ 2025 - يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچىنى ئېلان قىلدى ، مانچېستېر شەھىرى قاپقىچىسى دوننارۇما بۇ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچى بولۇپ باھالاندى . 

بۇ قېتىمقى FIFA نىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر باھالاش دەۋرى 2024 - يىلى 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 2025 - يىلى 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە بولۇپ ، دوننارۇما ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە پارىژ سانت گېرمان بىلەن بىرلىكتە فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ، فىرانسىيە لوڭقىسى ، فىرانسىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى قاتارلىق چېمپىيونلۇقلارغا ئېرىشكەن ، 47 مەيدان مۇسابىقىدە 43 توپ كەتكۈزۈپ ، 17 مەيدان مۇسابىقىدە توپ كەتكۈزمەسلىكتەك ياخشى ئىپادىسى بىلەن ، ئالىسسون ، كۇرتۇۋا ، مارتىنېز قاتارلىق كۆپلىگەن نامزاتلارنى مەغلۇپ قىلدى . 

FIFA 2025 يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر پۇتبولچى نامزاتلىرى :

ئالىسسون ( لىۋېرپول ) ، سوممېر ( خەلقئارا مىلان ) ، دوننارۇما ( پارىژ / مانچېستېر شەھىرى ) ، مارتىنېز ( ئاستون ۋىللا ) ، كۇرتۇۋا ( خانلىق مادرىد ) ، نويېر ( بايرېن مىيۇنخېن ) ، رايا ( ئارسېنال ) ) ، سچېزنى ( بارسېلونا ) 
 ئالدىنقى نۆۋەتلىك FIFA يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچى : 

2024 - يىلى : مارتىنېز ( ئاستون ۋىللا ، ئارگېنتىنا ) 

2023 - يىلى : ئېدېرسون ( مانچېستېر شەھىرى ، بىرازىلىيە ) 

2022 - يىلى : مارتىنېز ( ئاستون ۋىللا ، ئارگېنتىنا ) 

2021 - يىلى : مېندى ( چېلسى ، سېنېگال ) 

2020 - يىلى : نويېر ( بايرېن مىيۇنخېن ، گېرمانىيە ) 

2019 : ئالىسسون ( لىۋېرپول ، بىرازىلىيە ) 

2018 - يىلى : كۇرتۇۋا ( چېلسى ، بېلگىيە ) 

2017 - يىلى : بۇففون ( يۇۋېنتۇس ، ئىتالىيە ) 

تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەر

ھەممىسىنى كۆرۈش