
يېقىندا پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى مارتىنېز ئىسپانىيە تاراتقۇسى «ماركا گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا ئۇ رونالدونىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى ئورنى توغرىسىدا توختالغان.
سوئال: رونالدو ھەمىشە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، نېمە ئۈچۈن 41 ياشقا كىرىش ئالدىدا تۇرغان ئۇ يەنىلا پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولالايدۇ؟
مارتىنېز: پوزىتسىيە. بىز باشتىن-ئاخىر ئۈچ چوڭ ئامىل، يەنى تالانت، تەجرىبە ۋە ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسىغا ئېلىپ كەلگەن پوزىتسىيەسىگە دىققەت قىلىپ كەلدۇق. دەل مۇشۇ خىل ئۆزىگە ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قويۇش روھى بۇ كاپىتاننى ئىزچىل دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكىدە ساقلاپ قالدى.
بۇ بىر جۈپ يۇقىرى پەللىنى قوغلىشىش تەشنالىقى مۇسابىقە مەيدانىدا ھەممە ئادەمنى تەسىرلەندۈردى، ھۇجۇمچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ 30 مەيدان مۇسابىقىدە 25 توپ كىرگۈزدى، بۇ ئۇنىڭ ئىپادىسىنىڭ دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن زور قىممەت ياراتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
سوئال: قىزىقارلىق يېرى شۇكى، رونالدو باشقا تىرېنېرلارنىڭ قول ئاستىدا ئەزەلدىن بۇنداق يۇقىرى توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشىپ باقمىغان.
مارتىنېز: سىز ئوتتۇرىغا قويغان سانلىق مەلۇمات ئۇنىڭ ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىز تېخنىكا پىشقان يان ھۇجۇمچىدىن چەكلەنگەن رايون يادروسىغا ئۆزگەرگەن توپچىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز. بىزمۇ رونالدونىڭ رەقىبىنى چەكلەش رولىنى ھەقىقەتەن كۆردۇق، ئۇ مەيدانغا چىققاندا، باشقا توپچىلار ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق يارىتىدۇ، چۈنكى ئىككى توپچى مەخسۇس ئۇنى مۇداپىئە قىلىدۇ.
سوئال: رونالدو كەسپىي ھاياتىدا جەمئىي 955 توپ كىرگۈزدى، ئۇ 1000 توپ كىرگۈزۈشتەك نەتىجىگە ئېرىشەلەمدۇ؟
مارتىنېز: ئۇ ھازىر يەنىلا كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە ئۇنىڭ بۇنداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى سەۋەب، ئۇ دىققىتىنى ھازىرغا قاراتقان. نىشان ئۈستىدە توختالغاندا ئۇ ئەزەلدىن ئۇزۇن مۇددەتلىك سانلىق مەلۇماتلارغا نەزەر سالمايدۇ، مەسىلەن، 1000 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىش، ئالاھىدە مەيدانغا چىقىش سانىغا يېتىش... ئۇنىڭ سىرى بۈگۈنكى ئەڭ ياخشى توپچى بولۇش، ھەر بىر كۈندىن ھۇزۇرلىنىش. شۇڭا توپ كىرگۈزۈش سانى ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ چېكىنگەن كۈنى جاۋابقا ئېرىشىدۇ، مەن بۇنى ئۇنىڭ باش قاتۇرىدىغان نىشانى دەپ قارىمايمەن.


