
ھىندىستان تاراتقۇسى «Siasat Daily»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مېسسىنىڭ ھىندىستان سەپىرىدىكى كىرىمى 890 مىليون رۇپىيە (تەخمىنەن 69 مىليون 750 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) بولغان.
پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى دۇتانىڭ ئاشكارىلىشىچە، مېسسىغا ھىندىستان بانكىسى 4-چېسلا 890 مىليون رۇپىيە ھەق بەرگەن ھەمدە ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە 110 مىليون رۇپىيە باج تۆلىگەن.
بىراق كالكۇتتانىڭ پائالىيىتى ياخشى تەشكىللەنمىگەنلىكتىن، ئامانلىق ساقلاش خەتىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، مېسسىنىڭ مەيداندا تۇرۇش ۋاقتى 20 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇپ، ئاممىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 80 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم نەق مەيدانغا كىرگەن، توپ مەيدانىنىڭ ئورۇندۇقى قاتارلىق ئەسلىھەلەر زىيانغا ئۇچرىغان. مېسسى كالكۇتتادىن ئايرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، دۇتا تۇتۇپ تۇرۇلۇپ سوراقنى قوبۇل قىلغان، بەلكىم باشقۇرۇش ياخشى بولماسلىق ۋە مالىيە بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش گۇمانى بار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ساقچىلار دۇتانىڭ بانكا ھېساباتىدىن 220 مىليون رۇپىيەلىك كىرىم ئەھۋالىنى قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە يول خېتىنى توڭلىتىۋەتكەن، دۇتانىڭ ئېيتىشىچە، بىر قىسىم تەسىر كۈچى بار كىشىلەر ئۇنى يول خېتى تارقىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە مەجبۇرلىغان، بۇنىڭ بىلەن يول خېتى سانىنىڭ ئۈچ ھەسسە كۆپىيىپ كېتىشى بىلەن پائالىيەت مەيدانىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.


