نېيمار ئوپېراتسىيەنى قوبۇل قىلدى، نىشانى 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش

 

نېيمار بۈگۈن ئالاقە تورىنى يېڭىلاپ، ئۆزىنىڭ كېسەل كارىۋىتىدا ياتقان سۈرىتىنى يوللاپ، ئۆزىنىڭ ئوپېراتسىيە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

بىرازىلىيە ئاخبارات ۋاستىسى «يەر شارى تەنتەربىيەسى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نېيمار بۈگۈن سول تىزى يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچىكى ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ، بۇ ئورۇننىڭ يىرتىلىپ كەتكەن يارىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن، ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى بىر ئاي بولۇپ، 2-ئاينىڭ بېشىدا ئاندىن مەيدانغا چىقالايدىكەن، شۇ چاغدا نېيمار 34 ياشقا توشىدۇ.

2025-مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نېيمار ئۆزىگە دەم ئېلىش قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى، پۇتبولنى ئۇنتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن قىلىشقا تېگىشلىك ئوپېراتسىيەنى قىلىمەن، شۇنىڭدىن باشلاپ «دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش»نى كۈچ قىلىمەن، چۈنكى مېنىڭ يەنە ئەڭ ئاخىرقى بىر ۋەزىپەم-دۇنيا لوڭقىسى. ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. تەييارلىقنى ياخشى قىلىمەن، ھەر ۋاقىت بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرىمەن.»

تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەر

ھەممىسىنى كۆرۈش