رونالدونىڭ ئاچىسى چوڭ چاتاق چىقاردى

يېقىندا، پۇتبول چولپىنى رونالدونىڭ چوڭ ئاچىسى ئېلما ئاۋىرو چوڭ چاتاق چىقارغان، ئۇ رونالدونىڭ ئىمزاسى بار ساختا مۇسابىقە كىيىمىنى سېتىشقا چېتىشلىق بولۇش، يەنە باج ئالدامچىلىقى، تۆھمەت قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر سەۋەبلىك پورتۇگالىيە تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن. بۇ ئىش ئاڭلىماققا «ئەقىلگە سىغمايدىغان» ئىشتەك كۆرۈنىدۇ.

رونالدونىڭ ئۆز ئاچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېنىقكى پۇلدىن غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ، قېرىشقاندەك ئۇنىڭدا ئۇكىسىنىڭ ئىمزالىق مۇسابىقە كىيىمىنى سېتىش ئويى پەيدا بولغان. ئۇ سىرتقا كىرىستىيانو رونالدو ئۆز قولى بىلەن ئىمزا قويغان ھەقىقىي مۇسابىقە كىيىمىنى ساتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، نەتىجىدە باشقىلار بۇ مۇسابىقە كىيىمى ساختا مال بولۇپ چىققان. بۇ قېتىمقى مەشغۇلات ئادەمنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ، يەنى كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئىمزاسى بولىسۇ لېكىن مۇسابىقە كىيىمى ھەقىقىي ئەمەس، بۇ ئېنىقلا «پۇل ئۈچۈن ھەممىنى قىلىش»نى كۆرسىتىدۇ. ئاچىسىنىڭ بۇرۇندىنلا ئالاقە تورلىرىدا «ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغان» مىجەزى بار ئىدى. ئىلگىرى كىرىستىيانو رونالدو بىلەن ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يېگەن كىچىك ئىشلاردىمۇ ئۇ توردا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر دۆۋە سۆزلەرنى ئېلان قىلاتتى؛ ھەتتا رونالدونىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى بولغان مېسسىغا قارىتىلغان بىر قاتار ئاساسسىز گەپلىرىمۇ پۇتبول دۇنياسىدا تۈكۈرۈك ئۇرۇشلىرىنى كۆپەيتىۋەتكەن.

نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى ئۇنى كىرىستىيانو رونالدونىڭ نام-شۆھرىتىگە تايىنىپ «ئېقىم مىقدارى»غا ئېرىشىدۇ قارىغان، لېكىن ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرماي قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ساختا مۇسابىقە كىيىمىگە تايىنىپلا قالماي، «رونالدو»نىڭ نامى بىلەن سىرتتىن بىكارغا تاماق يېگەن، ئىنىسىنىڭ ئېقىم مىقدارىغا تايىنىپ نۇرغۇن پۇل تاپقان. بۇ ئىش ئاشكارىلىنىشى بىلەنلا، توپ مەستانىلىرىمۇ بەس-بەستە مۇنازىرە قىلىشقان. بەزىلەر ئۇنى ئىنىسىنىڭ نام-ئابرۇيىنى پۇل تېپىش قورالى قىلىپ، يەنە تېخى پۈتۈنلەي ساختا مال ياساپ باشقىلارنى ئالدىدى دېگەن؛ يەنە بەزىلەر رونالدونىڭ ئاچىسى سەربلىك ئاز-تولا تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتقان. نېمىلا دېگەن بىلەن كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدە، رونالدو توپ ماھارىتى نام چىقارغان چولپان، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ساختا مۇسابىقە كىيىمىنى سېتىش سەتچىلىكىنى كىملا ھەرقانداق ئادەم ھەيران قالماي قالمايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن چولپان بولامدۇ ياكى باشقا ئادەتتىكى ئادەم بولامدۇ چوقۇم توغرا يولدا مېڭىشى كېرەك. ساختا مال سېتىش، باج ئالدامچىلىقى قىلىش ھامان بىر كۈنى ئاشكارىلىنىدىغان سەتچىلىك. بۇ ئىشنىڭ باشقىلارغا ئەسكەرتىش بېرىشىنى، كۆز ئالدىدىكى ئاشۇ كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ، نام-ئابروي ۋە تۆۋەن چەكنى يوقىتىپ قويماسلىقىنىمۇ ئۈمىد قىلىمىز.

تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەر

ھەممىسىنى كۆرۈش