
پۈتۈن يىللىق پۇتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ ئىپادىسىنى ئۇنىۋېرسال ئويلاشقاندىن كېيىن 2025-يىللىق جۇڭگو ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلار تىزىملىكى 15-چېسلا ئېلان قىلىندى، شىنجاڭدىن يېتىشىپ چىققان پەخىرلىك توپچى بەھرام، ۋۇ شى، جاڭ يۈنىڭ، جياڭ گۇاڭتەي، ۋېي شىخاۋ، لىن لياڭمىڭ قاتارلىق 15 توپچى تاللاندى.
بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى شاڭخەي خەيگاڭ كوماندىسىدىكى جياڭ گۇاڭتەي ۋە ليۇ روفەن، شاڭخەي شېنخۇا كوماندىسىدىكى چېن جىنيى، گاۋ تيەنيى، جياڭ شېڭ قاتارلىق تۆت كۈچلۈك كوماندىنىڭ جەمئىي 11 توپچىسى نامزاتلار تىزىملىكىگە كىرگەن، چېڭدۇ روڭچېڭ كوماندىسىدىن ۋېي شىخاۋ، خۇ خېتاۋ ۋە ياڭ مىڭياڭ، شۇنداقلا پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى بېيجىڭ گوئەن كوماندىسىدىن لىن لياڭمىڭ ۋە جاڭ يۈنىڭ، شۇنداقلا ياش يىگىت بەھراممۇ بۇ ئالتۇن توپ نامزالىقىغا تاللاندى.
ئۇنىڭدىن باشقا، 2024-يىللىق جۇڭگو ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن شەندۇڭ تەيشەن كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى شيې ۋېننېڭ، خېنەن كوماندىسىنى باشلاپ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن ۋاڭ شاڭيۈەن، U22 دۆلەت كوماندىسىدا ئۇدا توپ كىرگۈزگەن، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە 1-ئورۇندا تۇرىدىغان دالىيەن يىڭبو كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەچىسى لۈ يىجاۋمۇ تىزىملىككە كىردى .


