2025 - يىللىق « قەشقەر لوڭقىسى » دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئاخىرلاشتى . كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان چېمپىيونلۇقنى تالىشىش رىقابىتىدە غۇلجا سىنچاي پۇتبول كوماندىسى كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھالقىلىق بىر توپ كىرگۈزۈپ1 : 0 نەتىجە بىلەن ئاقسۇ جىنلۇڭ شوپۇرلۇق مەكتىپى پۇتبول كوماندىسىنى يېڭىپ ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى . ئاقسۇ جىنلۇڭ شوپۇرلۇق مەكتىپى پۇتبول كوماندىسى ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى .
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ مۇسابىقە باشلىنىپلا يۇقىرى سىجىللىقتىكى تىركىشىشنى قانات يايدۇرۇپ ، ئوتتۇرا مەيداندا كەسكىن رىقابەتلىشىپ ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى تاپالمىدى . مۇسابىقىنىڭ 76 ـ مىنۇتىدا مەيدان قاتماللىق بۇزۇپ تاشلاندى ، غۇلجا ناھىيە سىنچاي پۇتبول كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمى قارشى تەرەپ قاپقىچىسىنىڭ قولىدىن چىقىپ كەتتى ، 26 ـ نومۇرلۇق ماھىر لى زۇڭرۇ توپنى قۇرۇق قاپقىغا كىرگۈزدى . بىر توپ كەينىدە قالغان ئاقسۇ جىنلۇڭ پۇتبول كوماندىسى شىددەت بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى ھەمدە مۇسابىقىنىڭ 104 - مىنۇتىدا ( قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا ) نۇقتا توپ پۇرسىتى ياراتتى . بىراق بۇ توپ قاپقا لىمىغا تېگىپ ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈرىدىغان ئاخىرقى پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويدى . ئاخىرىدا غۇلجا ناھىيە سىنچاي پۇتبول كوماندىسى نۆلگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ قەشقەر لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى .
سەل بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان ئۈچىنچىلىكنى تالىشىشتا ، ئاتۇش ئىزچىلا پۇتبول كوماندىسى ساھىبخان تەييۆ پۇتبول كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە بىر مەيدان قالتىس توپ كىرگۈزۈش جېڭى ئېلىپ باردى . ئاتۇش ئىزچىلا پۇتبول كوماندىسى ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدىلا 0 : 3 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈك تىكلىدى . كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان تەييۆ يوۋخې پۇتبول كوماندىسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى ، 34 - نومۇرلۇق توپچى نىزامىدىن ئەپەندى 67 - مىنۇتتا چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن بىر توپ كىرگۈزۈپ ، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش سىگنالىنى ياڭراتتى . 10 مىنۇتتىن كېيىن ، ئەمدىلا زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققىنىغا بىر مىنۇت بولغان 29 - نومۇرلۇق ماھىر ئابدۇخالىق ئابدۇمىجىت سەپداشلىرىنىڭ ياردىمىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ ، نەتىجىنى 3 : 2 قىلىپ ئۆزگەرتتى . مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا ، تەييۆ پۇتبول كوماندىسى ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسىمۇ ، ئەمما نومۇر پەرقىنى ئۆزگەرتەلمەي ، ئاخىرىدا ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا ئۇتتۇرۇپ قويدى . ئاتۇش ئىزچىلا پۇتبول كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى .
ئاخىرقى پۈشتەك چېلىنىشى بىلەن 2025 - يىللىق « قەشقەر لوڭقىسى » پۇتبول دەرىجىدىن تاشقىرى تەكلىپ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى . بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە يېشىللىققا پۈركەنگەن كاتتا مۇسابىقە بولۇپلا قالماي ، تېخىمۇ مۇھىمى جايلارنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئىتتىپاقلىق ، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان جانلىق سەھنە بولۇپ قالدى . ھەر قايسى كوماندىلار مۇسابىقىدە نامايان قىلغان قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشتەك تەنتەربىيە روھى ھەمدە رەقىبىنى ھۆرمەتلەپ ، رېپىرغا بويسۇنۇشتەك ياخشى كەيپىيات تەنتەربىيە ھەرىكىتىدە كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش ، كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇشتەك ياخشى كەيپىياتنى جانلىق ئىپادىلىدى .
2025 - يىللىق « قەشقەر لوڭقىسى » دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلارنىڭ چىملىق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇپلا قالماي ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبى مەدەت بېرىش ، چۇقان - سۈرەن ئىچىدە تېخىمۇ زىچ باغلاندى . پۇتبول ھەرىكىتى رىشتە بولۇش سۈپىتى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت ، تەنتەربىيە گۈللىنىشىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى .