12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كەچتە ئاقسۇ جىنلۇڭ شوپۇرلۇق مەكتىپى پۇتبول كوماندىسى 0 : 4 نەتىجە بىلەن مەكىت دولان پۇتبول كوماندىسىنى يەڭدى ، ھەمدە « قەشقەر لوڭقىسى » دىكى تۆت كۈچلۈك كوماندا بارلىققا كەلدى ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا :
تەييۆ يوۋخې پۇتبول كوماندىسى
غۇلجا سىنچاي پۇتبول كوماندىسى
ئاتۇش ئىزچىلا پۇتبول كۇلۇبى
ئاقسۇ جىنلۇڭ شوپۇرلۇق مەكتىپى پۇتبول كوماندىسى
تۇنجى مەيدان مۇسابىقە ساھىپخان كوماندا تەييۆ يوۋخې پۇتبول كوماندىسى بىلەن مارالبېشى خېڭچېڭ توغراق پۇتبول كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلدى ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ تەمكىنلىك بىلەن ئويناپ 0 : 0 نەتىجە بىلەن كېيىنكى مەيدانغا كىردى . كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ، مۇسابىقە رىتىمى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى . 60 - مىنۇتتا ، تەييۆ يوۋخې پۇتبول كوماندىسى 34 - نومۇرلۇق نىزامىدىن ئەپەندى چەكلەنگەن رايون ئىچىدە ئەپچىللىك بىلەن ئوڭ پۇتى بىلەن بىر توپ كىرگۈزۈپ ، مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى . شۇنىڭدىن كېيىن مارالبېشى خېڭچېڭ توغراق پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چىقىرىۋېتىلدى . ئادەم سانى كۆپ بولغان تەييۆ يوۋخې پۇتبول كوماندىسى تەشەببۇسكارلىقنى چىڭ تۇتۇپ ، 72 - مىنۇتتا ، چەكلەنگەن رايون ئالدىدىكى بىر قېتىملىق ئىختىيارى توپ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ، ئەپچىللىك بىلەن ماسلىشىپ يەنە بىر توپ كىرگۈزدى . مارالبېشى خېڭچېڭ توغراق پۇتبول كوماندىسى گەرچە كوماندا باشلىقى مەۋلان مۇسا بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ ، قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا تەييۆ يوۋخى پۇتبول كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ ، بىرگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يېڭىپ ، كېيىنكى باسقۇچقا قەدەم قويدى . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ، تەييۆ يوۋخې كوماندىسى پىشىپ يېتىلگەن مۇسابىقىنى كونترول قىلىش كۈچى ۋە كوللېكتىپنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچىنى نامايان قىلىپ ، ھالقىلىق پۇرسەت ئالدىدا تەمكىن بولۇپ ، قالتىس تاكتىكا ساپاسىنى نامايان قىلدى .
ئارقىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن 2 ـ مەيدان مۇسابىقدە غۇلجا ناھىيە سىنچاي پۇتبول كوماندىسى بىلەن سانجى جىندۈن تېخنىكا مەكتىپى قاتتىق تىركەشتى . كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 56 - مىنۇتىدا ، غۇلجا سىنچاي پۇتبول كوماندىسىنىڭ 21 - نۇمۇرلۇق ماھىرى راخمىتۇللا شۆھرەت قاپقا ئالدىدىكى قالايمىقانچىلىقتا بىر توپ كىرگۈزدى . سانجى جىندۈن تېخنىكا مەكتىپى 66 - مىنۇتتا تېز سۈرئەتتە نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى . ھالقىلىق پەيتتە غۇلجا ناھىيىسى سنچاي پۇتبول كوماندىسى كوللىكتىپنى ياخشى ماسلاشتۇرۇپ ، 74 ـ مىنۇتتا بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭدى .
3 - مەيدان مۇسابىقىدە ئاتۇش ئىزچىلا پۇتبول كوماندىسى بىلەن خوتەن شاھزاد ئېغىز بوشلۇقى پۇتبول كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى ، ئاتۇش ئىزچىلا پۇتبول كۇماندىسى ئاۋال تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتتى ، 27 - مىنۇتتا 17 - نومۇرلۇق لياۋ چوڭجيۇ تۇنجى توپنى كىرگۈزدى . كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئۇلار يەنە تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش تاكتىكىسىغا تايىنىپ ، 97 - نومۇرلۇق ماھىر لى دېمىڭ بىلەن 18 ياشلىق ماھىر تاڭ تيەنيى ئارقا - ئارقىدىن ئىككى توپ كىرگۈزۈپ ، ئاخىرىدا 0 : 3 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى .
شۇ كۈنى كەچتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ، ئاقسۇ جىنلۇڭ شوپۇرلۇق مەكتىپى بىلەن مەكىت دولان پۇتبول كوماندىسى تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىشنى تالاشتى . ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولغان ئاقسۇ جىنلۇڭ شوپۇرلۇق مەكتىپى مەيداندىكى ۋەزىيەتنى باشتىن ئاخىر كونترول قىلىپ ، ئاخىرىدا نۆلگە قارشى تۆت نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يېڭىپ ، تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى . مەكىت دولان پۇتبول كوماندىسى گەرچە كېيىنكى باسقۇچقا كىرەلمىگەن بولسىمۇ ، لېكىن كوماندا ئەزالىرى پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە ئاكتىپ تىركىشىش پوزىتسىيەسى ۋە مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك جاسارىتىنى نامايان قىلىپ ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى .
شۇنىڭ بىلەن 2025 - يىللىق « قەشقەر لوڭقىسى » پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈك كوماندىسىنىڭ ھەممىسى بارلىققا كەلدى . مۇسابىقە ھەرقايسى جايلارنىڭ پۇتبول ماھارىتى سەۋىيىسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى نامايەن قىلىپلا قالماي ، يەنە ھەر مىللەت تەنھەركەتچىلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ، پائال ئىلگىرلەش روھى قىياپىتىنى نامايەن قىلدى .