خانلىق مادرىد ئالۇنسۇغا يەنە پۇرسەت بەرمەكچى

 داڭلىق يۆتكىلىش مۇخبىرى رومانو ئۆزىنىڭ شەخسىي قانىلىدا سىن كۆرۈنۈشىنى يېڭىلاپ ، خانلىق مادرىد تىرېنېرى ئالونسونىڭ تىرېنېرلىق ئورنى كىرىزىسى توغرىسىدا توختالدى . 

رومانو مۇنداق دېدى : « نۇرغۇن تاراتقۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەگەر خانلىق مادرىد مانچېستېر شەھىرىگە ئۇتتۇرۇپ قويسا ، ئالونسونىڭ ئىشتىن بوشىتىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ، لېكىن مۇسابىقىدىن كېيىن خانلىق مادرىدتىن كەلگەن خەۋەر ئۇنداق ئەمەس ، خانلىق مادرىد تېخى ئالۇنسونى ئىشتىن بوشىتىشنى ئويلاشمىغان » . شۇڭا ئالونسونىڭ مانچېستېر شەھىرىگە ئۇتتۇرۇپ قويسا ئىشتىن بوشىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئەزەلدىن ئىسپاتلىنىپ باقمىدى ، خانلىق مادرىدمۇ ئەھۋالنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈردى . 

بىراق كوماندىنىڭ ئىپادىسىدە چوقۇم ياخشىلىنىش بولۇشى كېرەك ، كېيىنكى ئالاۋېس بىلەن بولغان مۇسابىقە بىر مەيدان مۇھىم مۇسابىقە . خانلىق مادرىدنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تۇيغۇ شۇكى ، ئۇلار ئالونسوغا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىپ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ . توپچىلارنىڭ مۇسابىقىدىن كېيىنكى ئىنكاسىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ ، بېللىڭھام ، رودرىگو ، كۇرتۇۋا ، ئاسېنسىئو قاتارلىق زىيارەتنى قوبۇل قىلغان توپچىلار مۇنداق دېدى : « بىز ئالونسونى قوللايمىز . » . بۇ دەل خانلىق مادرىد توپچىلىرى يەتكۈزگەن ئۇچۇر ، مەيلى ئاشكارا بولسۇن ياكى شەخسىي بولسۇن ، ئۇلار ئالونسونى قوللايدۇ . خانلىق مادرىدمۇ مەغلۇبىيەتتىن كېيىن ئالۇنسۇ ھەققىدە كۆپ توختالمىغان . ” 

بىز چوقۇم ھەر كۈنى خانلىق مادرىدنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك ، چۈنكى ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن . ئەگەر ئالونسو داۋاملىق خانلىق مادرىدقا تىرېنېر بولماقچى بولسا ، چوقۇم نەتىجىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، خانلىق مادرىد ھازىر تىرېنېر ئالماشتۇرۇش سىگنالىنى بىۋاسىتە تارقاتمىدى . كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە بىز خانلىق مادرىدنىڭ ئىچكى قىسمىدا قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى ، كۇلۇب ئالونسونىڭ كوماندىدا رولىنى جارى قىلدۇرالمىغان ئەھۋالى توغرىسىدا ئىچكى مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ ، ئالاقىدار خادىملار قاتنىشىدۇ ، بىز ئالونسو بىلەن پاراڭلىشىمىز كېيىنكى ئىلگىرلەشلەرھەققىدە ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلىمىز . ” 

تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەر

ھەممىسىنى كۆرۈش