« دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى » نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، زىدانى بېرنابۇ توپ مەيدانىدا پەيدا بولۇپ ، خانلىق مادرىد بىلەن مانچېستېر شەھىرىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەن .
خەۋەردە دېيىلىشىچە ، زىدانىنىڭ بېرنابۇ مەيدانىدا پەيدا بولۇشى ئاز ئۇچرايدىغان ئىش ئەمەس ئىكەن ، لېكىن ھازىر خاۋى ئالونسونىڭ كەلگۈسى تېخى ئىنىق ئەمەس ، زىدانىنىڭ پەيدا بولۇشى بۇ ئىشتا تېخىمۇ تالاش - تارتىش پەيدا قىلدى . ئەگەر خاۋى ئالونسو ئىشتىن بوشىتىلىپ قالسا ، زىدانىنىڭ ئىسمى چوقۇم تىلغا ئېلىنىدۇ ، ھازىرغا قەدەر ئۇ يەنىلا خانلىق مادرىدنىڭ باش تىرېنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان نامزاتلارنىڭ بىرى دەپ قارالغان .بىراق ، بۇ فىرانسىيەلىك تىرېنېرنىڭ ھازىر خانلىق مادرىدقا قايتىش ئويى يوق بولۇپ ، كۇلۇب باشقۇرۇش قاتلىمىمۇ بۇ تاللاشنى تولۇق ئويلاشمىغان .
سەۋەبى زىدانى كېلەر يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن دېسچامپسنىڭ ئورنىغا فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى بولىدىغان ئاساسلىق نامزات ئىكەن . ھەتتا بەزى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە ، ئىككى تەرەپ دەسلەپكى كېلىشىمنى ھاسىل قىلغان ، شۇڭا زىدانى ھازىر پەقەت خانلىق مادرىدنى ئەمەس ، بەلكى فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىرېنېرلىق ئورنىنىلا نىشانلىغان .