
پارىژ سانت گېرمان تۇنجى قېتىم قىتئەلەر ئارا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئالتە شاھلىققا ئېرىشتى. پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىدىكى ئىپادىسى قالتىس بولغان نۇرغۇن پورتۇگالىيەلىك توپچىلار كوماندىنىڭ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشىدىكى ئۇل تاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىممىتىمۇ يۇقىرى ئۆرلىدى. گېرمانىيە يۆتكىلىش بازىرى پورتۇگالىيە تارىخىدىكى ئەڭ قىممەت توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئىستاتىستىكىلاپ چىققان بولۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرمايدىغىنى شۇكى، رونالدو بۇ رەت تەرتىپتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
پورتۇگالىيە تارىخىدىكى ئەڭ قىممەت توپچىلارنىڭ رەت تەرتىپى ۋە سانلىق مەلۇماتلىرى:
1. كىرىستىيانو رونالدو: 120 مىليون ياۋرو (2014/2015 مۇسابىقە پەسلى)
2. جوئاۋ نېۋېس: 110 مىليون ياۋرو (2025/26 مۇسابىقە پەسلى)
ۋىتىنيا: 110 مىليون ياۋرو (2025/26 مۇسابىقە پەسلى)
3. بېرناردو سىلۋا 100 مىليون ياۋرو (2018/2019 مۇسابىقە پەسلى)
جوئاۋ فېلىكس: 100 مىليون ياۋرو (2019/2020 مۇسابىقە پەسلى)
4. بىرۇنو فېرناندېس: 90 مىليون ياۋرو (2020/2021 مۇسابىقە پەسلى)
رافائېل لېئاۋ 90 مىليون ياۋرو (2022/2023 مۇسابىقە پەسلى)
5. رۇبېن دىياس: 80 مىليون ياۋرو (2022/2023 مۇسابىقە پەسلى)
6. نۇنو مېندېس: 75 مىليون ياۋرو (2025/26 مۇسابىقە پەسلى)
7. كانسېلو: 70 مىليون ياۋرو (2022/2023 مۇسابىقە پەسلى)


