
يەر شارى پۇتبول مۇكاپاتى 2025-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا شەرق توپچى مۇكاپاتىنىڭ ئاخىرقى تۆت كىشىلىك نامزاتلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە داۋاسارى، بېنزېما، ماھرېز، رونالدو قاتارلىقلار تىزىملىككە كىردى.
يەر شارى پۇتبول مۇكاپاتى ئورگان تەرەپنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى يەر شارى پۇتبول مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا نەق مەيداندا ئېلان قىلىنىدىكەن.
يەر شارى پۇتبول مۇكاپاتىنىڭ 2025-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا شەرق توپچى مۇكاپاتىنىڭ ئاخىرقى تۆت كىشىلىك نامزاتلىرى:
سالىم داۋاسارى (رىياد يېڭى ئاي، سەئۇدى)
بېنزېما (جىد بىرلەشمىسى، فىرانسىيە)
ماھرېز (جىد پۇقرالىرى، ئالجىرىيە)
رونالدو (رىياد غەلىبىسى، پورتۇگالىيە)


