ھوللىۋود كىنو چولپىنى رونالدونىڭ «سۈرئەت ۋە ھېسسىيات»قا قوشۇلغانلىقىنى قارشى ئالدى

ھوللىۋود كىنو چولپىنى تايرىس گىبسون (Tairis Gibrson) ئالاقە تورىدا كىرىستىيانو رونالدونىڭ داڭلىق كىنو «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات» (速度与激情) يۈرۈشلۈكىگە قوشۇلغانلىقىنى قارشى ئالدى، گىبسون يەنە سۈنئىي ئىدراك ھاسىل قىلغان بىر پارچە سۈرەتنى يوللىدى، سۈرەتتە كىرىستىيانو رونالدونى ئۆز ئىچىگە ئالغان باش پېرسوناژلارنىڭ ئوپچە چۈشكەن سۈرىتى بار ئىدى.

«سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات» يۈرۈشلۈكىنىڭ باش رولچىسى ۋىن دىسېل (vindisell) ئىلگىرى ئالاقە تورىدا كىرىستىيانو رونالدونىڭ بۇ كىنوغا قوشۇلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن بولۇپ، كۆپچىلىك ئۇنىڭدىن «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات» يۈرۈشلۈك كىنولىرىدا پەيدا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىغانلىقىغا قارىتا مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرگە ئۇنىڭ چوقۇم ئىچىدىكى بىر ئەزا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىشىم كېرەك. بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس بىر رول تەييارلىدۇق.»

«سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات» يۈرۈشلۈكىنىڭ 11-بۆلۈمى 2027-يىلى 4-ئايدا قويۇلىدۇ، 11-بۆلۈمى پۈتۈن يۈرۈشلۈك كىنونىڭ خاتىمىسى ھېسابلىنىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەر

ھەممىسىنى كۆرۈش