ئىكاردىنىڭ باھاسى ئۇدا تۆۋەنلەپ ئاران 6 مىليون ياۋروغا يارايدىغان بولۇپ قالدى

بۈگۈن گېرمانىيە يۆتكىلىش بازىرى تورى توپچىلارنىڭ باھاسىنى يېڭىلىدى، گالاتاساراي توپچىسى ئىكاردىنىڭ باھاسى يەنە ئىككى مىليون ياۋرو چۈشۈپ كەتتى، ھازىر بۇ توپچىنىڭ باھاسى ئالتە مىليون ياۋروغا يېتىدۇ.

ئۇنىڭ گېرمانىيە يۆتكىلىش بازىرىدىكى باھاسى 2023-يىلى 12-ئايدىكى يېڭىلاشتىن كېيىن ئىزچىل چۈشۈپ، كېيىنكى سەككىز قېتىملىق يېڭىلاشتا ئۇدا چۈشۈپ، ھازىر 6 مىليون ياۋروغا چۈشۈپ قالدى.

ئىكاردىنىڭ 2018-يىلىدىكى خەلقئارا مىلاندىكى قىممىتى 100 مىليون ياۋروغا يەتكەن.

بۇ پەسىل ئۇ گالاتاسارېغا ۋاكالىتەن 21 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ سەككىز توپ كىرگۈزدى.

تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەر

ھەممىسىنى كۆرۈش