
ئورگان تەرەپ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات سوممىسىنى تەستىقلىغان. مۇكاپات ئومۇمىي سوممىسى 727 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 2022-يىلىدىكىدىن %50 ئاشقان، چېمپىيون 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىدۇ، مۇسابىقىگە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى 10 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىدۇ.
[ئورگان تەرەپنىڭ ئۇقتۇرۇشى]
خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى كېڭىشى 2026-يىللىق خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە رېكورت يارىتىپ، 727 مىليون دوللار مالىيە تەقسىمات لايىھەسىنى تەستىقلىدى، بۇ 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن %50 كۆپ.
بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ سوممىسى 655 مىليون دوللار (ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن %50 ئاشقان) بولۇپ، مۇكاپات سۈپىتىدە مۇسابىقىگە قاتناشقان 48 كوماندىغا تەقسىم قىلىنىپ بېرىلىدۇ، كونكىرت تەقسىملەش لايىھىسى تۆۋەندىكىچە:
چېمپىيون: 50 مىليون دوللار
ئىككىنچى بولغىنى: 33 مىليون دوللار
ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكۈچى: 29 مىليون دوللار
تۆتىنچى بولغان كوماندا: 27 مىليون دوللار
5-ئورۇندىن 8-ئورۇنغىچە: ھەر قايسىسى 19 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
9-دىن 16-گىچە: ھەر قايسىسى 15 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
17-دىن 32-گىچە: ھەر قايسىسى 11 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
33-48-ئورۇندا: ھەر قايسىسى 9 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
ئۇنىڭدىن باشقا ھەر بىر كوماندا 1 مىليون 500 مىڭ دوللار تەييارلىق خىراجىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق ئەزالار جەمئىيىتىنىڭ كېلەر يىللىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئارقىلىق ئاز دېگەندىمۇ 10 مىليون 500 مىڭ دوللار كاپالەت كىرىمىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


