ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىلارغا بېلەت تاشلاش ئەھۋالى: رونالدو مېسسىنىڭ ئالدىدا


FIFA يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنى ئورگان تەرەپ ئېلان قىلدى، بۇ قېتىملىق سەپ شەكلىگە دېمبېلې بىلەن يامال يېتەكچىلىك قىلدى، FIFA ئورگان تەرەپ ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىلارغا بېلەت تاشلاش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.

1. دېمبېلې توپ مەستانىلىرىنىڭ باھا نومۇرى 13 مۇتەخەسسىسلەر باھا نومۇرى 13 ئومۇمىي نومۇر 26

2. يامال مەستانىلىرىنىڭ باھا نومۇرى 11 مۇتەخەسسىسلەر باھا نومۇرى 11 ئومۇمىي نومۇر 22

3. خالاند مەستانىلەر باھا نومۇرى 6 مۇتەخەسسىسلەر باھا نومۇرى 11 ئومۇمىي نومۇر 17

4. مىباپپې مەستانىلەر باھا نومۇرى 8 مۇتەخەسسىسلەر باھا نومۇرى 8 ئومۇمىي نومۇر 16

5. رافىنھا مەستانىلەر باھا نومۇرى 5 مۇتەخەسسىسلەر باھا نومۇرى 7 ئومۇمىي نومۇر 12

6. خاررى كېن مەستانىلەر ئومۇمىي نومۇرى 9 مۇتەخەسسىسلەر نومۇرى 0 ئومۇمىي نومۇر 9

7. ۋىنىسىئۇس توپ مەستانىلىرى 3 مۇتەخەسسىسلەر نومۇرى 6 ئومۇمىي نومۇر 9

8. رونالدو مەستانىلەر باھا نومۇرى 2 مۇتەخەسسىسلەر باھا نومۇرى 6 ئومۇمىي نومۇر 8

9. دۇئېر مەستانىلەر باھا نومۇرى 7 مۇتەخەسسىسلەر نومۇرى 0 ئومۇمىي نومۇر 7

10. مېسسى مەستانىلەر ئومۇمىي نومۇرى 4 مۇتەخەسىسلەر نومۇرى 3 ئومۇمىي نومۇرى 7

باھالاش قائىدىسى

FIFA يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى ئاممىغا بېلەت تاشلاش بولۇپ، يەنى توپ مەستانىلىرىنىڭ بېلەت تاشلىشى بىلەن پۇتبول مۇتەخەسسىسلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ بېلەت تاشلىشى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا FIFA يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر 11 كىشىلىك سەپ شەكلى تاللاپ چىقىلىدۇ.

توپ مەستانىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى توپنىڭ بېلەت تاشلىغۇچىلىرىنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تاللىشى ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە. توپچىلارنىڭ ئېرىشكەن نومۇرى ئۇلارنىڭ ھەر بىر بېلەت تاشلاش توپىدا ئېرىشكەن بېلەت سانىغا باغلىق.

ئالدىنقى توققۇز ئورۇنغا تىزىلغىنى بىر نەپەر قاپقىچى، ئۈچ نەپەر بېك، ئۈچ نەپەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى، ئىككى نەپەر ھۇجۇمچى بويىچە تاللىنىپ، ئەڭ كۆپ نومۇر ئالغان توپچىلار تاللانغان. يۇقىرىقى ئىشلار تاماملانغاندىن كېيىن، ئەڭ كۆپ نومۇر ئالغان ئىككى نەپەر تېخى تاللانمىغان چەتئەللىك توپچى بۇ سەپ شەكلىگە تاللىنىدىكەن، لېكىن ھەر بىر ئورۇندىكى ئادەم سانى يۇقىرى چېكى: ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆت نەپەر مۇداپىئەچى، تۆت نەپەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى، ئۈچ نەپەر ھۇجۇمچى ئىكەن.

تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەر

ھەممىسىنى كۆرۈش