مېسسىنىڭ ھىندىستان سەپىرىگە مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچى ئىستىپا بەردى

 مېسسىنىڭ 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىكى ھىندىستان سەپىرىدىكى تۇنجى بېكەت پائالىيىتىدە ، تەنتەربىيە مەيدانىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ ، نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى . بۈگۈن ھىندىستان غەربىي بېنگال ئىشتاتىنىڭ تەنتەربىيە مىنىستىرى ئارۇپ بىسۋاس ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان . 

بىسۋاس غەربىي بېنگال ئىشتاتىنىڭ باش مىنىستىرى بەنناجىغا يازما ئىستېپانامە تاپشۇرغان ، بەنناجى بىسۋاسنى ئۆيىگە بېرىپ بۇ ئىش توغرىسىدا تەپسىلىي سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلغان . ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بىسۋازنىڭ ئىستېپا بېرىشى قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن . 

تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەر

ھەممىسىنى كۆرۈش