
2025-يىللىق قىتئەلەر لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە پارىژ سانت گېرمان 1:1 نەتىجىدە نۇقتا توپ جېڭىدە 1:2 نەتىجە بىلەن فلامېنگونى مەغلۇپ قىلىپ، تۇنجى قېتىم قىتئەلەر ئارا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. سافونوف ئۇدا تۆت قېتىم نۇقتا توپنى توسۇۋالدى.
پارىژ سانت گېرمان تۇنجى قېتىم دۇنياۋى دەرىجىلىك چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ يىل جەمئىي ئالتە قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، فىرانسىيە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى ۋە فىرانسىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا پارىژ سانت گېرمان بۇ يىل يازدا يەنە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن 3:0 نەتىجىدە چېلسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان.
پارىژ سانت گېرمانمۇ 2009-يىلىدىكى بارسېلونا ۋە 2020-يىلىدىكى بايرېن مىيۇنخېندىن كېيىنكى ئۈچىنچى بولۇپ ئالتە شاھلىققا ئېرىشكەن كوماندا بولۇپ قالدى.


