مېسسىنىڭ ھازىرقى باھاسى 15 مىليون ياۋرۇ

 گېرمانىيە يۆتكىلىش بازىرى بۈگۈن ئامېرىكا كەسپىي بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى باھاسىنى يېڭىلىغان بولۇپ ، بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن مېسسىنىڭ ئەڭ يېڭى باھاسى 15 مىليون ياۋرو بولۇپ ، ئۈچ مىليون ياۋرو چۈشۈپ كەتكەن ، شۇنداقلا ئامېرىكا كەسپىي بىرلەشمىسىدە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان . بۇ مېسسىنىڭ 2006 - يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھاسى ھېسابلىنىدىكەن . 

مېسسى بۇ مۇسابىقە پەسلىدە مىئامى خەلقئاراغا ۋاكالىتەن 42 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 38 توپ كىرگۈزۈپ ، 25 قېتىم ياردەمچى پاس بېرىپ ، كوماندىنىڭ كوماندا تارىخىدىكى تۇنجى ئامېرىكا كەسپىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ 47 - قېتىملىق چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى . 

تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەر

ھەممىسىنى كۆرۈش