
ئىسپانىيە بارسېلونا كوماندىسى بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ۋالۇنسىيە كوماندىسنى چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن مەغلۇب قىلدى . مۇسابىقە جەريانىدا ئارگېنتىنالىق داڭلىق قاتىل ھۇجۇمچى مېسسى ۋالۇنسىيە كوماندىسغا ئارقا - ئارقىدىن تۆت توپ ئۇردى . بۇمۇ مېسسىنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە تۇنجى قېتىم بىر مەيدان مۇسابىقىدە تۆت توپ ئۇرۇشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . مېسسىنىڭ ھازىر يېڭى پەسىل مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيانقى ئۇرغان توپ سانى 27 گە يەتتى ، بىرىنجى ئورۇندىكى كىرىستىيانو رونالدودىن پەقەت بىر توپ كەينىدە . بىراق « دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى » نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە ، ئەگەر مۇسابىقە جەريانىدا ئۇرغان نوقتا توپنى چىقىرىۋەتكەندە ئۇ چاغدا مېسسى رونالدودىن خېلى بەكلا ئېشىپ كىتىدۇ دىيىلگەن .
مېسسىنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئۇرغان بۇ 27 توپىنىڭ ئارىسىدا ئىككىسى نوقتا توپ ، بىراق كىرىستىيانو رونالدونىڭ 28 توپى ئارىسدا 10 نى نوقتا توپ ، شۇنداق بولغاندا مېسسى 23 ئايلانما مۇسابىقىدا نوقتا توپنى قوشمىغاندا 25 توپ ئۇردى . رونالدو بولسا 18 ، مېسسى بۇ جەھەتتە رونالدودىن يەنىلا ئېشىپ كەتتى دىيىشكە بولىدۇ . 2012 - يىلىنىڭ بېشىدا مېسسى جەمئىي 13 توپ ئۇرۇپ ئىسپانىيەدىلا ئەمەس ، بەلكى پۈتۈن دۇنيادا بىرىنجى ئۇرۇنغا ئۆتكەن ، مېسسىدىن كېيىنكىسى بولسا بېلباۋ رىقابەت كوماندىسنىڭ مەرگىنى لۆلىنت ۋە تۈركىيە تىرابىزون تەنتەربىيە كوماندىسىدىكى بىراچ ، بۇ ئىككى پۇتبولچىنىڭ ئۇرغان توپ سانى 11 ، رونالدو بولسا 10 توپ ئۇرۇپ 3 - ئورۇنغا تىزىلغان .
بارسېلونا كوماندىسى بۇ پەسىل ھازىرغا قەدەر 129 توپ ئۇردى . مېسسى بارسېلونا كوماندىسغا ۋاكالىتەن ئوينىغان ھەر قايسى تۈردىكى 40 مەيدان مۇسابىقىدە جەمئىي 42 توپ ئۇرۇپ 21 پاس بەردى . يەنى 63 توپ مېسسى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ، شۇنداقلا مېسسىنىڭ توھپىسىدىن بولدى دەپ قاراشقا بولىدۇ . بۇ جەھەتتىكى نىسبەت % 48.8 بولغان . مانا شۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بۇلۇدىكى ، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ توختىماي غەلبە قىلىشىتىكى بىرىنجى ئامىلى دەل مېسسى . بارسېلونا كوماندىسنى قۇتقۇزۇپ مېڭىۋاتقان بىردىنبىر پۇتبولچىمۇ يەنىلا شۇ مېسسى . بۇ پەسىل بارسېلونا كوماندىسى يەنە 7 مەيدان مۇسابىقىنى ئۆز مەيدانىدا ئوينايدۇ . دىمەك ھازىر مېسسىغا يەنە يىتەرلىك ۋاقىت بار . مېسسى يەنە ھازىرقىدەك مۇقىم ھالىتىنى ساقلاپ قالسا ، ئېھتىمال رونالدودىن توپ سانى جەھەتتە ئېشىپ كىتىشى ، شۇنداقلا رونالدونىڭ ئالدىنقى پەسىل ياراتقان 41 توپ رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىشىمۇ مۇمكىن . شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى قاتىل ھۇجۇمچى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى .
|