
مادرىد ۋە بارسېلونا ئارىسىدا ئوينالغان شاھلىق لوڭقىسى 2 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ نەتىجىسىمۇ چىقىپ مادرىد شاللىنىپ كەتتى ، بىراق مۇسابىقىدىكى ھالقىلىق شەخس بولغان راموس ئۆزى ئىرىشكەن قىزىل كارتىغا رازى بولمىدى . مۇسابىقىدىن كېيىن راموس شۇ قېتىملىق ھۆكۈمگە قارىتا باھا بېرىشنى رەت قىلدى ، بىراق ئۇ مادرىدنىڭ 2 - سېرىق كارتا ئۈچۈن ئەرز سۇنغانلىقىنى ئاشكارلىدى ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ دۆلەت كوماندىسىدىكى سەبدىشى بولغان بۇسكىسنىڭ شۇ قېتىملىق يىقىلغان ۋاقىتتىكى ھەركىتىنىڭ بەك ئاشۇرىۋىتىلگەنلىكىنى ئېيىتتى .
راموس : مادرىدنىڭ مەن ئۈچۈن ئەرز سۇنغانلىقى ئۈچۈن خۇشال بولدۇم ، ئۇ يەردە توختىماستىن دۇمىلاۋەردى ، بىراق مەن ئۇنىڭغا تەگمىگەن .
ئۇنىڭدىن باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇسابىقىدىن بۇرۇن راموس بىلەن مورىنىئونىڭ گەپ تالىشىپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ، بىراق راموس بۇنداق ئىش مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېيىتقان .
|