
2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ، چېخ پۇتبولچىسى يانكۇلۇۋىسكى ( Jankulovski ) ئورېست ۋارا كۇلۇبىنىڭ توربىكىتىدە ئۆزىنىڭ يىشىل چېملىقتىن رەسمىي چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى . شۇنىڭ بىلەن 17 يىللىق كەسپىي پۇتبولچىلىقى ھاياتى رەسمىي ئاياغلاشتى .
35 ياشلىق يانكۇلۇۋىسكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۇلۇبى ئورېسىت ۋارا كوماندىسى . 2000 - يىلى ، ئۇ چېخ كوماندىسىغا تاللىنىپ ئۆزىنى ياۋروپاغا نامايەندە قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە باشلانغان . 2 يىل ناپولى كوماندىسىدا توپ تەپكەن . ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇدېنىس كوماندىسىدا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن ئۇدىنىس كوماندىسىنى 2004-2005-يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ 32 كۈچلۈك قاتارىغا ئەكىرىگەن . بۇ ئۇدېنىس كوماندىسىنىڭ تۇنجى قىتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى بولۇپ قالغان . 2005-يىلى يازدا ، يانكۇلۇۋىسىكى 850 تۈمەن ياۋرولۇق باھا بىلەن رەسمىي مىلەننىڭ سېپىگە قۇشۇلغان . 6 يىللىق مىلەندە توپ تېپىش جەريانىدا ، ئۇ ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونى ، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى چېمىپيونى ، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمىپيونى ، دۇنيا كۇلۇبلار ئارا لوڭقىسى چېمپىيونى قاتارلىق شان - شەرەپلەرگە ئىرىشكەن . 2011-يىلى يازدا ، ئۇ ئورېسىت ۋارا كوماندىسىغا قايتىپ كەلگەن .
ئالاھىدە تىخنىكىلىق ، بەدەن ساپاسى يۇقىرى يانكۇلۇۋىسىكى چېخ كوماندىسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمىغا ئايلانغان . ئۇ ھازىرغىچە چېخ دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 78 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 11 توپ ئۇرغان . ئۇ چېخ كوماندىسىنى يېتەكلەپ 2000-يىللىق گوللاندىيە- بىلگىيە ياۋروپا لوڭقىسى ، 2004-يىللىق پورتۇگالىيە ياۋروپا لوڭقىسى ، 2006-يىللىق گىرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى ، 2008-يىللىق شىۋىتسارىيە- ئاۋسىترىيە ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتناشقان . ئەڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى بولسا 2004 -يىللىق پورتۇگالىيە ياۋروپا لوڭقىسىدە ، ئۇ چېخ كوماندىسىنى 4 كۈچلۈك قاتارىغا ئەكىرىگەن .
ئورېست ۋارا توربىكتىنىڭ ئېلان قىلشىچە : « ئۇزۇن يىللىق كونا يارا سەۋەبلىك ، يانكۇلۇۋىسىكى كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى . ئۇ ئەمدى رەسمىي ئايرىلدى. »
|