ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | ئەزالار مەركىزى | خەۋەر يېزىش | RSSrrs
 
d
d
d
d
d
ddd
d
d
d
d
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|

بىرازىلىيەنىڭ يېڭى تىزىملىكىگە كونىلاردىن پەقەت 4 ئادەملا تاللاندى

ۋاقتى : 2010-07-27 21:54:18  مەنبەسى : شىنلاڭ  ئاپتۇرى : نىجات

          7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ يېڭى تېرنىرى مانو - مېنساس يېڭى بىر قېتىملىق بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى ، دونگا دەۋرىدىكى بىرازىلىيە بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، مېنساسنىڭ بىرازىلىيە كوماندىسىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى ، 2010 - يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقانلاردىن پەقەت 4 ئادەملا بۇ قېتىملىق تىزىملىككە كىرەلىدى . 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى يېڭى تېرنىر تۇنجى قېتىم بىرازىلىيەنى باشلاپ ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ .
          بۇ قېتىملىق تىزىملىككە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقانلاردىن پەقەت ئارۋېس ، لامىرېس ، تىياگو سېلۋا ، روبىنىئو 4 ئادەملا تاللاندى . كاكا ، فابىيانو ، سەيسار ، مايكون قاتارلىق چولپانلار بۇ قېتىملىق تىزىملىككە تاللىنالمىدى . دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىگەن مىلان ھۇجۇمچىسى پاتو ، سانتوس كوماندىسىدىكى پاۋلو - ئىنرېك - گانسو ۋە نىمار بۇ تىزىملىككە كىردى ، مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ياش بىكى رافائىلمۇ بۇ تىزىملىككە كىردى ، لىۋېرپول كوماندىسىدىكى لۇكاسمۇ 24 كىشىلىك تىزىملىككە كىردى .

يېڭى بىرازىلىيە كوماندىسىدىكى توپچىلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە : 
ۋاراتار : جېففىرسون ( بوتافېگو ) ، رېنان (خەلقئارا كوماندىسى) ، ۋىكتور (گىرېيمىئو)
بىك : ئاندىرى - سانتوس(فەنەر باغچە) ، ئارۋېس(بارسىلونا) ، مارسىلو(خانلىق مادرىد) ، رافائىل(مانچېستېر بىرلەشمىسى) ، داۋىد لۇئىس(بىنفېكا) ، ھېنرىك(سانتاندىر رىقابەت) ، رېۋو(مىنېرو رىقابەت) ، تىياگو - سېلۋا(مىلان)
ئوتتۇرا مەيدان : كارلوس-ئېدۋاردو(خوففىنھېيىم) ، ئېدسون(لىئون) ، گانسو(سانتوس) ، ھېرناندىس(سان پاۋلو) ، ھۇشىلەي(كىرىندىئەن) ، لۇكاس(لىۋېرپول) ، رامىلېس(بىنفېكا) ، ساندىرو(خەلقئارا كوماندىسى)
ھۇجۇمچىلار : پاتو(مىلان) ، ئاندىرى، نىمار ، روبىنىئو( 3 توپچى سانتوس كوماندىسىدىن) ، دىيېگو-تاردىلى(مىنېرو رىقابەت)

قوللايمەن
باش بەت
باش بەت
باھا يوللاش
جەمئىيپارچە باھا
ئىسىم:
پارول:
تەستىق كودى:
نامسىز يوللاش
تەۋسىيە خەۋەرلەر
يېڭى خەۋەرلەر
قىزىق خەۋەرلەر