ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | ئەزالار مەركىزى | خەۋەر يېزىش | RSSrrs
 
d
d
d
d
d
ddd
d
d
d
d
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|

كاسانو AC مىلان بىلەن يەنە بىر يىل توختام ئۇزارتتى

ۋاقتى : 2012-02-21 17:10:11  مەنبەسى : پۇتبول مۇنبىرى  ئاپتۇرى : توپ تەپكۈچى

           بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىكى ياۋرۇپا ئۇزغانلىق مۇسابىقىسدە ، ac مىلان كوماندىسى ئارسىنال كوماندىسنى 4 : 0 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىپ 8 كۈچلۈككە كىرىشتىكى بىرىنجى قەدەمنى ئوڭۇشلۇق باستى ، بۇ مۇسابىقىدىن كېيىن كۇلۇب خوجايىنى بېرلوسكىنى قاتتىق خوشاللىقىدا ، مۇئاۋىن رەئىس جالىيانىنى ئەگەشتۈرۈپ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىپ كوماندا ئەزالىرىنى مەخسۇس تەبرىكلىدى ، ھەمدە كوماندا ئەزالىرىنى رېستۇرانغا ئەكىرىپ مېھمان قىلىشقا ۋەدە بەردى . كېيىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دىدى : كىم مىنى ac مىلاننى ساتىدۇ دەيدۇ ؟ بۇنداق ئاسان ئىش يوق ، مەن تېخى ac مىلاننى يەنە 25 يىل باشقۇرىمەن .

          مىلان تەنتەربىيە گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ھازىر مىلان تەرەپكە يەنە بىر خوش خەۋەر كەلگەن ، يەنى ئىتالىيەلىك داڭلىق پۇتبولچى كاسانو كۇلۇب بىلەن يەنە بىر يىل توختام ئۇزارتقان ، كاسانو سامپۇدورىيا كوماندىسىدىكى چېغىدا ، بىر قېتىملىق مەشىق جەريانىدا كۇلۇب رەئىسىنى ھاقارەتلەپ قويغانلىقى ئۈچۈن ، ئاخىرىدا مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ 2011 - يىلى 1 - ئايدا مىلان كوماندىسغا يۆتكىلىپ كېلىپ 2014 - يىلىغىچە بولغان بىر پارچە توختامغا ئېرىشتى . كاسانو مىلانغا كەلگەندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ماسلىشىپ كەتتى . مەيلى ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسدا بولسۇن ، ياكى مىلاندا بولسۇن ئىپادىسى تازا ياخشى بولىۋاتقان پەيتتە كاسانونىڭ يۈرىگىدىن چاتاق چىقتى ، ئاخىرىدا ئوپراتسىيە قىلىندى ، ئوپراتسىيەمۇ ئوڭۇشلۇق بولدى . كاسانو ھازىر ئەسلىگە كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ . كاسانونىڭ ھازىر كۇلۇب بىلەن تۈزگەن توختامى 2015 - يىلى 6 - ئايدا توشىدۇ ، باھاسى ئاشكارلانمىغان . مىلاننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جالىيانى كۆپ قېتىم ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دىگەن ، بىز كاسانودىن ۋاز كەچسەك بولمايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كاسانونىڭ تېزراق ساقىيىشىغا ياردەمدە بولىمىز .

قوللايمەن
باش بەت
باش بەت
باھا يوللاش
جەمئىيپارچە باھا
ئىسىم:
پارول:
تەستىق كودى:
نامسىز يوللاش
تەۋسىيە خەۋەرلەر
يېڭى خەۋەرلەر
قىزىق خەۋەرلەر