
10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ، 2012 - يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ 4 - مۇسابىقە كۈنى ئوينالدى ، C گۇرۇپپىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىتالىيە بىلەن سېربىيە ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلدى . ئەسلى مۇسابىقە دەل ۋاقتىدا باشلىناتتى ، بىراق ساھىبخان كوماندىنىڭ توپ مەستانىلىرى قالايمىقانچىلىق چىقارغانلىقتىن مۇسابىقە 35 مىنۇت كىچىكىپ باشلاندى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 6 مىنۇت بولغاندا پۇتبول لۈكچەكلىرى يەنە ئىش چىقىرىشقا باشلىغاچقا ، مۇسابىقە ئامالسىز ئارقىغا سۈرۈلدى .
|