
كوتى دى ئىۋۇئېر پۇتبول كوماندىسى يېقىندا ئاياغلاشقان ئافرىقا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە زامبىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ 2 - بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا كوتى دى ئىۋۇئېر خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. كىشىلەر پۇتبول كوماندىسىدىكى دىروگبانى زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا كىشىلەر تەكلىپىنى رەت قىلغان.
دىروگبا مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن تولىمۇ رازى، ئۈنىڭ ئۈستىگە مەن سىياسىيغا قىزىقمايمەن. مېنىڭ دۆلىتىم ئۈچۈن بىر زامانىۋى دوختۇرخانا سېلىپ بېرىش ئارزۇيۇم بار ئىدى، ئەمما ئۇرۇش بۇ ئارزۇيۇمنى كەينىگە سۈرىۋەتتى، ئەمدىلىكتە بولسا ئۇرۇش ئاياغلاشتى، مېنىڭ دوختۇرخانا سېلىش ئارزۇيۇممۇ كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى». دىروگبا دوختۇرخانا سېلىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: « مەن ئىلگىرى نوبىل ئىسىملىك ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر بالىنى ياۋرۇپاغا داۋالىتىشقا ئەۋەتكەن ئىدىم، ئەمما ئۇ بىر يىلدىن كىيىن ئۆلۈپ كەتتى. ئىنىممۇ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، مەن ئۇنى ياۋرۇپاغا ئەۋەتكۈچە ئۇمۇ ئۆلۈپ كەتتى، شۇنىڭدىن كىيىن 3 مىليۇن فوندىستېرلىڭ غەملەپ بىر زامانىۋى دوختۇرخانا سېلىپ بېرىش نىيىتىگە كەلدىم. مەن مەبلەغ سالغۇچى ئىزدەش، مۇسابىقە ئويناش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پۇل غەملىگەن بولساممۇ، ئەمما ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن دوختۇرخانا سېلىش مۇمكىن بولمىدى. ئەمدى دوختۇرخانا سېلىش ئارزۇيۇممۇ پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى، مەن ھۆكۈمەتنىڭ دوختۇرخانا پۈتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ياخشى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
|