
12-ئاينىڭ14-كۈنى چەتئەل ئاخبارات خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلنىشچە، 2012-يىللىق ئافرىقا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ۋە كوماندىدا ئەزالىرىنى تاللاش سەۋەبىدىن، كامىرون كوماندىسى كىلەر2-ئاينىڭ9-كۈنى جۇڭگۇ كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئويناشنى ئويلىشىۋىتىپتۇ.
چەتئەل ئاخبارات خەۋەرلىرىدە دىيشىچە، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقە كۈنى بويىچە كامىرو كوماندىسى جۇڭگۇ كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئويناپ، 3-ئاينىڭ26-كۈندىكى سىنگال بىلەن بولغان مۇھىم مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. دوستلۇق مۇسابىقىسىدە رەقىب تاللاشتا كامىرو كوماندىسى كۆپ لاھىيلەرنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، يەنىلا يىراق شەرقتىكى جۇڭگۇ كوماندىسىنى تاللىغان. ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا جۇڭگۇ كوماندىسى ئىزچىل كامىرون كوماندىسىنى مۇسابىقىگە تەك لىپ قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قىتىم ئۇلار كامىرو كوماندىسىغا 160تۈمەن ياۋرۇ مەيدانغا چىقىش ھەققى بىرىدىگەن.
|